گىرېتسىيەدە چوڭ جامەگە ئوت كەتتى

بالقان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوسمانلى يارىكارلىقلىرىدىن بىرسى ھېسابلىدىغان بەيازىت جامەسىگە نېمە سەۋەبتىن ئوت كەتكەنلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

696620
گىرېتسىيەدە چوڭ جامەگە ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ دىمېتوكا شەھىرىدىكى تارىخىي بەيازىت جامەسىگە ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

بەيازىت جامەسىگە ئەتىگەن تەرەپتە ئوت كەتكەن بولۇپ، سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى. ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ۋەقەدە ئىچكى قىسمى ئاساسەن دېگۈدەك ياغاچتىن ياسالغان بەيازىت جامەسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. 

گىرېتسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «ANA-MPA» ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەتىگەن سائەت 03:00 ئەتراپىدا باشلانغانلىقىنى، جامەنى رېموت قىلىش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئېلېكتىر مەنبەسىدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلارنىڭ ۋەقەگە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، ئوت كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن گىرېتسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى باش كاتىپى مارىيا ۋىلازاكىنىڭ رايونغا قاراپ يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

دىمېتوكا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ۋە چەلىبى مەھمەت پاشا جامەسى دەپمۇ بىلىنىدىغان بەيازىت جامەسى، بالقان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوسمانلى يارىكارلىقلىرىدىن بىرسى ھېسابلىناتتى.

گىرېتسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارىخىي يارىكارلىق سۈپىتىدە قوغداش ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئىبادەتكە تاقىۋېتىلگەن بەيازىت جامەسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى رېمۇنت قىلىنماقتا ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر