ياخشىلىق ئىنساننىڭ قەلبىگە ھۇزۇر ۋە ۋىجدانىغا راھەتلىك بېغىشلايدۇ

ئى رەببىمىز! ۋەتىمىزنى ۋە ئىنسانىيەتنى قورشاپ تۇرغان يامانلىقلارنى يوقۇتۇپ تاشلاشقا بىزنى مۇيەسسەر قىلغىن!

689137
ياخشىلىق ئىنساننىڭ قەلبىگە ھۇزۇر ۋە ۋىجدانىغا راھەتلىك بېغىشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەئۇزى بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم  بىسللاھىر رەھمانىر رەھىم

«ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن، ئەسسالاتۇ ۋەسسالامۇ ئەلا رەسۇلىنا ۋە ئەلا ئالىھى ۋە ئەسھابىھى ئەجمەئىن. ئەمما باد»  ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە «مۆئمىنلەرچە نىدا قىلىشنىڭ ئىسمى دۇئادۇر» دېگەن تېمىنى ئاڭلىتىمىز.

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

 وَالَّذِينَ صَبَرُواْ ابْتِغَاء وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلاَنِيَةً وَيَدْرَؤُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُوْلَئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ﴿22﴾ 

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

 استفت قلبك، الْبِرُّ مَا اطْمَأَنَّتْ إلَيْهِ النَّفْسُ، وَاطْمَأَنَّ إلَيْهِ الْقَلْبُ، وَالْإِثْمُ مَا حَاكَ فِي النَّفْسِ وَتَرَدَّدَ فِي الصَّدْرِ، وَإِنْ أَفْتَاك النَّاسُ وَأَفْتَوْك

يامانلىقنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ياخشىلىق

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر بىلەن  ئىش تۇتىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلىدۇ ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ.» (سۈرە راد 22ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: 

«ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا قەلبىڭ ۋە ۋىجدانىڭغا قۇلاق سالغىن. چۈنكى ياخشىلىق؛ قەلبىڭگە ھۇزۇر ۋە ۋىجدانىڭغا راھەتلىك بېرىدۇ. يامانلىق بولسا، گەرچە ئىنسانلار تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، قەلبىڭنى بىئاراملىققا، ۋىجدانىڭنى ئەندىشىگە سالىدۇ» (ئىبنى ھەنبەل)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ۋابىسا ئىسملىك يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر ساھابى بار ئىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ رەھمەتكە تولغان چاقىرىقلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىماقچى بولىدۇ. بۇلاردىن بىرسى نېمىنىڭ يامان ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە دائىر سوئال ئىدى. ئۇ سوئال سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردى. ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇنىڭغا «كەل يېقىن كەل ئى ۋابىسا!» دېدى. ئۇنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: «ئى ۋابىسا، ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا قەلبىڭ ۋە ۋىجدانىڭغا قۇلاق سالغىن. چۈنكى ياخشىلىق؛ قەلبىڭگە ھۇزۇر ۋە ۋىجدانىڭغا راھەتلىك بېرىدۇ. يامانلىق بولسا، گەرچە ئىنسانلار تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، قەلبىڭنى بىئاراملىققا، ۋىجدانىڭنى ئەندىشىگە سالىدۇ» (ئىبنى ھەنبەل)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ياخشىلىق مەۋجۇتلۇقتۇر ۋە يامانلىق يوقلۇقتۇر. ياخشىلىق ھوزۇر، يامانلىق زۇلمەت  ۋە قاراڭغۇلۇقتۇر. ياخشىلىق؛ رەببىمىزنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلسا، يامانلىق ئۇنىڭ ئازابىغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ. ياخشىلىق؛ ساغلام ئەقىل، ساغلام قەلب، ساغلام تەبىئەت، يەنى، ئىنساننىڭ يارىتىلىش شەرىپىگە ئەڭ ئۇيغۇن خىسلەتلەردۇر. يامانلىق بولسا، ئىنساننى پەسلەشتۇرىدىغان، ئۇنى ھەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، ھەم ئىنسسانلارنىڭ نەزىرىدە قىممەتسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئىللەتتۇر. ياخشىلىق پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېسىل خىسلەت ۋە يامانلىق بولسا، ئىنساننىڭ قەلبىگە كېيىن يۇقۇپ قالغان قالغان كېسەللىكتۇر.

ياخشىلىق؛ پاك تەبىئەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان ساداقەتتۇر. يامانلىق بولسا، بۇ ساداقەتنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشىلىق يەر يۈزىنى رەزىللىك ۋە يامانلىقلاردىن تازىلايدىغان ئەڭ چوڭ كۈچ - قۇدرەتتۇر.  يامانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، ھەر دائىم ياخشىلىقنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىەت ۋەزىياندىن ئىبارەتتۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىم بىزگە ياخشىلىقنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «ياخشىلىق؛ سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلار ئەمەس» دەيدۇ. (سۈرە بەقەرە 177ئايەت) يەنى  ئىبادەتنىڭ پەقەتلا شەكىلۋازلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇلىشىنى ۋە دىندارلىقنىڭ رىياغا ئايلاندۇرۇلىشىنى ياخشىلىق قاتارىغا ئالمايدۇ.

قۇرئان كەرىم ھەقىقي ياخشىلىقنى چۈشۈندۈرۈپ، ياخشىلىقنىڭ ئەسلىدە رەببىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، مالائىكىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىش ئىكەنلىكىنى تەلىم بېرىدۇ. ھەقىقىي ياخشىلىقنىڭ بىزگە تولىمۇ سۆيۈملۈك بولغان مال بايلىقىمىزنى پىقىر مىسكىنلەر ۋە يېتىم يېسىرلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ئىنسانلارنى ھەر تۈرلۈك ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. نامازنى ئۈزۈلدۈرمەي ئادا قىلىش، زاكاتنى قەلب رازىلىقى بىلەن بېرىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە رىئايە قىلىش، قىيىنچىلىق ۋە يوقسۇللۇقتىمۇ پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ سەۋر تاقەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىر - بىرلەپ تەلىم بېرىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار ھەقىقىي ياخشىلىق؛ يامانلىقنى ياخشىلىق ئارقىلىق يوق قىلىش ۋە ياخشىلىق بىلەن يامانلىققا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى مۆئمىن ھاياتىنى ياخشىلىققا ئاتىغان ۋە ياخشىلىق بىلەن مەنىگە ئىگە قىلغان كىشىدۇر. قولى، تىلى، قەلبى جۈملىدىن پۈتۈن بارلىقى بىلەن يامانلىقنىڭ ھەممىلا تۈرىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ تۇرالىغان كىشىدۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار! شۇنى ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا ئەسكەرتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە ياخشىلىق ئىنشانلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە يامانلىقچىلىكمۇ ئورۇن ئالمايدىغان بولۇپ قالدى. كۈنسىرى دۇنيا يامانلىققا تولماقتا. ئادەم ئەۋلادلىرى ھاۋايى ھەۋەس، ئىشتىياقلىرىنى دەپلا ۋىجدان، ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە كۆيۈم شەپقەتلەرنى تىزلا يوقۇتۇپ قويماقتا. ئۆزىدىن باشقىسىغا ياخشىلىق يۇقمايدىغان مەخلۇققا ئايلانماقتا. ھەقىقي ياخشىلىقنىڭ باشقىلارغا قىلىنغان ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى  ئۇنتۇماقتا.

مانا مۇشۇنداق بىر دۇنيادا ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىش، يامانلىقنى توسۇپ قىلىش غايىسىگە ئىگە بىز مۆئمىنلەرنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىمىز بار- ئەلۋەتتە. ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ دنيادا ھازىرمۇ ياخشى ئىنسانلارنىڭ بارلىقىغا بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزىشىمىز لازىم. يامانلىقنىڭ ياخىشىلىقنى مەغلۇپ قىلىشىغا قەتئىي كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك. شۇنى قەتئىي ئۇنتۇمايلىكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خوشاللىقى، ياخشىلىققا خىزمەت قىلىش ۋە يامانلىقنىڭ ئالدىدا سېپىل بولىشىمىزغا باغلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىز ياخشىلىقنىڭ يولۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېنى ئەمىسە بۇ مۇبارەك جۈمەدە رەببىمىزگە قوللىرىمىزنى ئاچقان ھالدا مۇنۇ دۇئانى قىلايلى!

ئى رەببىمىز! ۋەتىمىزنى ۋە ئىنسانىيەتنى قورشاپ تۇرغان يامانلىقلارنى يوقۇتۇپ تاشلاشقا بىزنى مۇيەسسەر قىلغىن!

ياخشىلىق ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن بىر دۇنيانى قۇرۇپ چىقالىشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە يارىدەم قىلغىن! 

كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ خوشاللىققا چۆمگەن بىر يەر يۈزىنى مىراس قالدۇرۇشنى بىزگە نىسىپ قىلغىن ئامىن!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر