ئامېرىكىدا جامەگە تەھدىت سالغان كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

ئامېرىكىنىڭ مىنىسوتا ئىشتاتىدىكى بىر جامەنى پارتلىتىۋېتىش توغرۇلۇق خەت يازغان ئامېرىكىلىق جورج فىشېرغا بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.

688009
ئامېرىكىدا جامەگە تەھدىت سالغان كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، فىشېرنىڭ 2015 – يىلى سېنتەبىردە مىنىئېپولىس شەھىرىدىكى «تەۋپىق ئىسلام مەركىزى» ناملىق جامەگە مەكتۇپ يوللاپ، «ئىبادەتخانىنى ئىچىدىكى بارلىق كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە پارتلىتىۋېتىش» بىلەن تەھدىت سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جاۋابكارنىڭ 2016 – يىلى 30 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، فىشېرنىڭ سوتچى تەرىپىدىن 1 يىللىق قاماق جازاسىغا، 3 يىللىق نازارەت ئاستىدا قويۇش بېرىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىشتاتلىق باش تەپتىش ياردەمچىسى ۋەكىلى توم ۋىلېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ جازا دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىش بىلەن تەھدىت سالىدىغان ھەممە كىشىگە ئوچۇق بىر سىگنال» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر