تۈرك تىلى كوسوۋۇ خەلقىنى بىرلەشتۈرمەكتە

باش كونسۇل سەلەن ئەۋجىت: «پىرىزرېن خەلقى بىلەن يۈزلىگەن يىللارغىچە بىرلىكتە ياشىغان ئورتاق تارىخىمىز بار» دېدى.

685551
تۈرك تىلى كوسوۋۇ خەلقىنى بىرلەشتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ پىرىزرېندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سەلەن ئەۋجىت بۇ شەھەردىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا تۈركچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەلەن ئەۋجىت: «بىز پىرىزرېن خەلقى بىلەن يۈزلىگەن يىللارغىچە بىرلىكتە ياشدۇق، ئورتاق تارىخىمىز بار. بۇ يەردە ئالبانلار، بوشناقلار ۋە گورالىلەرمۇ ئۆزئارا تۈركچە سۆزلىشىدۇ. تۈرك تىلى بۇلارنى بىرلەشتۈرگۈچى ئامىل بولغان.،ئوسمانلى بۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن» دېدى.

سەلەن ئەۋجىت كوسوۋۇ بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، باش كونسۇلخانىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، كونسۇلخانىنىڭ تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ئېچىلغانلىقىنى، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كوسوۋۇدىكى تۈركلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرك كۈلتۈرىنى ۋە تىلىنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ھەر خىل ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

سەلەن ئەۋجىت 16 – ئاپىرېلدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە بېلەت تاشلاشتا، كوسوۋۇدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ پىرىشتىنەدىكى باش ئەلچىخانىدىن باشقا يەنە، پىرىزرېندىكى كونسۇلخانىدىمۇ بېلەت تاشلىيالايدىغانلىقىنى ۋە  بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، كونسۇلخانا پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك خىزمەتلىرىنى نورمال باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كوسوۋۇ بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسدا ئورتاق تارىخىي ئاساسقا ئىگە ياخشى مۇناسۋەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەۋجىت، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ پىرىزرېن باش كونسۇلخانىسى 2016–يىلى 23–ئاپرېلدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە كوسوۋۇ باش مىنىستىرى ئىسا مۇستافامۇ قاتناشقان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر