«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋزىيە فىلىمى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ئوسمانلى دۆلىتىىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش يولىدىكى تارىخقا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان شانلىق كۈرەشنى ئىكرانلاردا كۆرۈشكە ھەممەيلەن تەشنا بولماقتا.

678051
«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋزىيە فىلىمى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟
payitaht.jpg
payitaht, abdulhamit han.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TRT1 قانىلىنىڭ «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق كۆپ قىسىملىك تېلېۋزىيە فىلىمى 24 – فېۋرال جۈمە كۈنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ئوسمانلى دۆلىتىىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش يولىدىكى تارىخقا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان شانلىق كۈرىشى ۋە 1876 – يىلى تەختكە ئولتۇرۇپ، 33 يىلللىق ھاكمىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلىنى باشتىن كۈچۈرۈش ئارقىلىق «ئۇلۇغ خاقان» دەپ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن سۇلتان ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان بۇ  فىلىم «ES» كىنو - فىلىم سىتۇدىيەسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ،  TRT1 قانىلىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.

فىلىمغا ئېلىشنى، كوجائەلى سېكا، رېژىسسورلۇقىنى سەردار ئاقار ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ فىلىمدە بۈلەنت ئىنال ئابدۇلھەمىد خاننىڭ رولىغا چىقىدۇ.

TRT1 ئىكرانلىرىدا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «پايتەخت ئابدۇلھەمىد»؛ تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق، ئەڭ تالاش - تارتىشلىق ۋە پۈتۈن دۇنيا ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ كۆزى ئوسمانلى تېرروتورىيەسىگە تېكىلگەن بىر مەزگىلدە تەختكە ئولتۇرغانلىقىغا قارىماستىن، 33 يىل بويىچە كۈچ – قۇدرىتى ۋە ئۈستۈن ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەھكەم قوغداپ كەلگەن سۇلتان ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ئاخىرىقى 13 يىللىق پادىشاھلىق دەۋرىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلىدۇ.

«پايتەخت ئابدۇلھەمىد»؛ 2 – ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ئاخىرىقى 13 يىللىق دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بويلىغان ھالدا، غەرب ئەللىرى يېڭى ئەسىرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقان بىر دەۋردە ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، كۆكرەك كىرىپ تىك تۇرغان يۈرەكلىك بىر قەھرىمان زاتنىڭ ھېكايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«پايتەخت ئابدۇلھەمىد»نىڭ نۇقتىلىق تېمىسى كۈرەش

بۇ فىلىم 1896 – يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد خاننىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنىڭ 20 – يىلىدىن باشلاپ، تارىخقا ئۈچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھىم ۋەقەلەرنى ئىكراندا ئەكسى ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا يەنە ئوسمانلىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان گىرېتسىيە ئۇرۇشىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ.

1 – نۆۋەتلىك زىيونىزىم قۇرۇلتىيىدا پەلەستىن زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى تەلەپ قىلغان يەھۇدىيلارغا پادىشاھ ئابدۇلھەمىد خاننىڭ قايتۇرغان جاۋابى ۋە ئاخىرىغىچە قەتئىي زېمىن بەرمىگەنلىكى ھەمدە دۈشمەنلەرنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن مەغلۇبىلەت بىلەن قوپۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى نامايەن قىلىپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۇلتان ئابدۇلھەمىد خان غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرغان ھىجاز تۆمۈر يولى لايىھەسىنىڭ خىزمەت جەريانى قاتارلىق مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرمۇ «پايتەخت ئابدۇلھەمىد»دا ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. سۇلتان ئابۇلھەمىد خان بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە شاھىت بولغان ۋە بۇ تارىخىي كۈرەشنى كۈنىمىزگە قەدەر ياشنىتىپ كەلگەن كۈچلۈك بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە كەلگۈسى تارىخىمىزغا قىلىنغان سوۋغا دېيىشكىمۇ بولىدىغان بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ «كۈرەش» تېمىسى كۆرۈرمەنلەرگە جانلاندۇرۇپ بېرىلىدۇ.

بۈلەنت ئىنال، ئۆزلەم جونكەر، سېلېن ئۆزتۈرك، ئاكىن ئاكىنئۆزۈ، ئەزگى ئەيۇبئوغلۇ، ھاقان بوياۋ، سايغىن سوسيال ۋە ئۈمىت كۇرت قاتارلىق چولپانلار باش رولغا چىقىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە 400 – 500 گە يېقىن كىشى قوشۇمچە رولاردا بولىدۇ. «يېشىل قارىغاي»نىڭ پىنسىيەگە چىققان ئاتاقلىق بىر قىسىم ئارتىستلىرىمۇ رول ئېلىپ كۆرۈرۈمەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق كۆپ قىسىملىك تېلېۋزىيە فىلىمى ئۈچۈن 120 كىشىلىك تېخنىكا ئەترىپتى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

  
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر