جامەلەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىشىكىمىز ھەمىشە مۇسۇلمانلارغا ئوچۇق» تەرىقىسىدە سىگنال بەرگەن كانادا، قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن تەۋرەپ كەتتى.
![جامەلەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5e32/b04a/ab8d/588f28fd3bf38.jpg?time=1719022445)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Quebec City ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر رامىزان ئېيىدىمۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.
مەركەزنىڭ مەسئۇلى مۇھەمەد يانگۇي: « Quebec City دە مۇسۇلمانلارغا ئائىت جامەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دانە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بار بولۇپ، بۇ مەركەزلەرنىڭ ھەر بىرى يىلىغا كەم دېگەندە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا» دېگەنىدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى جامەلەرگە قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى. ئىككى كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىمۇ بىر جامەگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بولۇپمۇ غەربتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار تەشۋىشلىنىشكە باشلدى.
گوللاندىيەدىمۇ 4 چوڭ جامەنىڭ مەسئۇللىرى جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندا «جىددىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» سەۋەبىدىن ئىبادەت ۋاقىتلىرىنىڭ سىرتىدا جامەلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.