تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 07.10.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

584917
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 07.10.2016

 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقتا مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىردە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم مۇسۇل ۋە باشىكا توغرۇلۇق كەسكىن سۆز قىلدى. ئىراقتا 63 دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە باغدات دائىرىلىرى نېمە دېسە دېسۇن، تۈركىيە ئارمىيەسى رايوندىكى دائېش ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن شۇنداقلا رايۇننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رايوندا ماۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. بىنالى يىلدىرىم ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتامۇ ھېچ قانداق تەدبىر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىراقتا ماۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا قارشى چىقىشى تولىمۇ مەنىسىز بىر ئىش. بۇنى ھەرگىزمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئىزاھلاشقا بولمايدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيە ئېنېرگىيە جەھەتتە توغرا يولدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيە توك – ئېلېكتىر شىركىتى تەرىپىدىن ئادانادا پائالىيەتكە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 14 ۋىلايەتتىكى 20 مىليون كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ مەركەزنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. ئېچىلىشتا قىلغان سۆزىدە «ئېنېرگىيە ساھەسىدە خىتايدىن قالسىلا %4.5 لىك ئېشىش بىلەن ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولدۇق. تۈركىيە ئېنېرگىيە جەھەتتە توغرا يولدا، ئەمىلىي ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاش ئالدىدا تۇرىمىز» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «<Rolls Royce> شىركىتى تۈركىيە بىلەن تۇلۇق شېرىك بولۇش تەكلىپى سۇندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايروپىلان موتورى ئىشلەپچىقارغۇچى <Rolls Royce> شىركىتىنىڭ خوجايىنى ۋاررېن ئېستنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى. ۋاررېن ئېستنىڭ ئۇچرىشىشتا ئايروپىلان موتورىنى تۈركىيە بىلەن شېرىكلىشىپ ئىشلەپ چىقىرىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە ۋاررېن ئېست دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا مەركىزىنى تۈركىيەدە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە 2023 - يىلى ئۇچۇشى پىلانلىنىۋاتقان يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلان لايىھەسىدە ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئايروپىلان موتورىنىڭ ھەممىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش تەكلىپىنى سۇنغان.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «تۈرك كۆك ھۇجەيرە ئەترىتى تۈنجى قېتىم چەت ئەلدە يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسنى ئىشقا ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈرك كۆك ھۇجەيرە ئەترىتى تۈركىيەدە 160 قا يېقىن كىشىنى ئورگان ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قايتىدىن ھاياتقا ئىگە قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەللىك بىمارلارنىڭمۇ ئۈمىدىگە ئايلاندى. ھىندىستاندا ئىممۇنىتېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2 ياشلىق بوۋاققا يىلىك تېپىش ئۈچۈن 57 دۆلەتتىن 22 مىليوندىن ئارتۇق خالىسانە بېغىشلىغۇچىلار تەكشۈرۈش چىقىلدى. مۇناسىپ يىلىكنى تاپقان تۈرك كۆك ھۇجەيرە ئەترىتى ساكاريادىن چەت ئەلگە تۈنجى قېتىم كۆك ھۈجەيرە يۆتكەش ئارقىلىق 2 ياشلىق بۇۋاقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئىككىنچى قېتىملىق يۆتكەش ئوپىراتسىيەسى بولسا، 18 – ئاۋغۇستتا ئىزمىردىن بىلگىيەگە بېرىپ ئىشقا ئاشتى. لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر بېلگىيەلىك بىمار، يىلىك يۆتكەش بىلەن ياخشىلاندى. تۈرك كۆك ھۇجەيرە ئەترىتى گىرېتسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 40 قا يېقىن كېسەلنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيە خەلق ئۇسۇللىرىدا دۇنيا چېمپىيونى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جەنۇبىي كورىيەنىڭ چېئونان شەھىرىدە 28 – سىنتەبىردىن 3 – ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇسۇل فېستىۋالىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن بۈيۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالتۇن كاۋرۈك خەلق ئۇسۇل ئۆمىكى قاتناشتى ۋە باھالاشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى. تۈركىيە ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ كۆرسەتكەن ھەشەمەتلىك نۇمۇرلىرى باھالىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن تۇلۇق نۇمۇر ئالدى. خەلق ئۇسۇللىرى كاتېگورىيەسىدە 20 دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇرۇپ چېمپىيون بولدى. تۈركىيەگە كاتتا شەرەپ كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر