تۈرك تىلى بايرىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى

46 دۆلەتتىن كەلگەن 540 ئوقۇغۇچى تۈرك تىلىغا بولغان سۆيگۈ – مۇھەببىتىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

560776
تۈرك تىلى بايرىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى
nabi avcı, türkçe bayramı.jpg
türkçe bayramı.jpg
2.türkçe bayramı.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 46 دۆلەتتىن 540 نەپەر قەلبى تۈرك تىلى سۆيگۈسى بىلەن تولغان ئوقۇغۇچى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولدى.

كۈلتۈر ئەلچىلىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار تۈرك تىلى بايرىمىدا «قەلب تىلى تۈركچە»نىڭ گۈزەللىكلىرىنى ئاڭلاتتى. پۈتۈن دۇنياغا تۈرك تىلىدا تىنچلىق، دوستلۇق ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەت چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تۈرك تىلى ئۆگىنىش ۋە ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى تۇنۇش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولدى. 

يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى تۈرك تىلى سۆيەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈرك تىلى يازلىق مەكتىپى پىروگراممىسى دائىرىسىدە تۈركىيەدە 1 ئاي بويىچە مېھمان قىلدى.

يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى 2009 – يىلىدىن بۇيان تۈرك تىلى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى تونۇتۇش، تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

پىروگرامما تۈرك تىلى بايرىمى مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى. تۈركىيە ساياھەت مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋچى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «بىز تەبرىكلەۋاتقان تۈرك تىلى بايرىمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېررورىزمغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مەنىلىك جاۋابلاردىن بىرسىدۇر. چۈنكى تېررورىزم بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋە بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىزنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش شۇنداقلا ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۇشنى نىشان قىلىدۇ.  ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىدىغان ئەڭ گۈزەل جاۋاب؛ <بىز ساڭا پىسەنتمۇ قىلماستىن گۈزەل، خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز> دېيىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە بۇ يىل 2 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك تىلى بايرىمىدىكى خەلق ئويۇنلىرى ھەممەيلەننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ۋېدىئولار كۆرسىتىلدى ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېكلىماتسىيە قىلغان دۇئا شىئىرىمۇ ئاڭلىتىلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر