گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست: تۈركىيە خەلقىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەك

گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست مارتىن لېجېنې تۈركىيە خەلقىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

545467
گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست: تۈركىيە خەلقىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېجېنى تۈركىيەگە كېلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدىكى ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن، غەربلىك كەسپداشلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە 5 مىليون كىشى ئىشتىراك قىلىدىغان دېموكراتىيە يىغىلىشىنىڭ غەربكە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر گېرمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلدىن ئىستانبۇلدىكى ئالەمشۇمۇل يىغىلىشقا قاتنىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنداق قىلغان تەقدىردە، بۇ مېركېلنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېھتىياجى يوق، ئەمما گېرمانلارنىڭ ئېھتىياجى بار. تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسى دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا ئۆزىنى تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئېتىپ، تېررورىستلارغا قارچى چىقىشى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ قەھرىمانلىقى فىرانسىيە خەلقىنىڭ فىرانسىيە ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى قەھرىمانلىقىغا ئوخشايدۇ. جانلىرىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە دېموكراتىيەگە ساھىب چىقتى. شۇڭا، تۈركىيە خەلقىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەك. غەربنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە كېچىلىرى كەڭ خەلق ئاممىسى دېموكراتىيە يىغىلىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەممە غەرب تاراتقۇلىرى ئۇدا 20 كۈندىن بۇيان بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار تۈركىيەنى دېموكراتىك پىرىپسىپلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئىسلام دۆلىتى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. مەن بۇن يەردىن غەرب رەھبەرلىرىگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ھامان پۈتكۈل دۇنيا لېدىرلىرى بۇ شەھەرگە سەلدەك ئاققانىدى، بىراق تۈركىيەدە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەندە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايلا قالماستىن، يەنە نە ئەنقەرەگە، نە ئىستانبۇلغا كەلمىدى. ئەسلىدە، تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى جىددىي ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋىيەدە ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر