گىرېتسىيەدە سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان جامە مەسىلىسى ھۆكۈمەتنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان جامە مەسىلىسى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى.

545062
گىرېتسىيەدە سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان جامە مەسىلىسى ھۆكۈمەتنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامە مەسىلىسى ئۈچۈن پارلامېنتتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا ھۆكۈمەت شېرىكلىرى سىرىزا بىلەن ئانېل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى.

ئامېل پارلامېنت ئەزاسى يورگوس لازارىدىس جامە سېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتسا، سىرىزا پارلامېنت ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ياننىس ئاماناتىدىس پارلامېنت ئەزالىرىنى قانۇن تەكلىپىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە چاقىردى ھەمدە ئاتىنانىڭ ياۋروپادىكى ھېچ جامەسى بولمىغان بىردىن - بىر پايتەخت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر جەھەتتىن خەلقئارالىق دوكلاتلاردا تەنقىد قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئانېلدىن باشقا يەنە، ئاشقۇن ئوڭچىل ئالتۇن شەپەق پارتىيەسى قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بولغان يېڭى دېموكراتىيە، پاسوك، دەريا ۋە گىرېتسىيە كوممۇنىست پارتىيەسى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تەستىقلانغان بولۇشىغا قارىماي، ئاتىنادا دۆلەت تەرىپىدىن سېلىنىدىغان جامە قۇرۇلۇشى ئەرز قىلىنىش ۋە بىيۇروكراتىك توسالغۇلار سەۋەبىدىن ھازىرغىچە باشلانمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر