«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشىنى ‹دىنىي رەھبەر› دېگىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى «دىنىي رەھبەر» دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

544926
«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشىنى ‹دىنىي رەھبەر› دېگىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆرمەز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، خەلق تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى «دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى» دەپ قاراش ۋە تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى «دىنىي رەھبەر» دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى، قۇرئاندىكى: «دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى ئالدايدىغانلار ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئالدىمىسۇن» دېگەن ئايىتىنىڭ ھېكىمىتىىڭ، ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر ئىمتىھان نەتىجىسىدە كېچىكىپ ئىدراك قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، دىن نامىدا مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش ۋە نوپۇز تىكلەشنىڭ ھېچقانداق دىنىي ئاساسنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنداق تەشكىلاتلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھەم ئەخلاقىي ھەمدە ئىسلامىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر