«سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى لىۋىيەگە قاچتى»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېشچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لىۋىيەگە قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

427677
«سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى لىۋىيەگە قاچتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكىلىق دائىرىلەر لىۋىيەگە قاچقان دائېشچى تېررورىستلارنىڭ 5 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائېش مىلىتانلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيەنىڭ سىرتە شەھىرىگە توپلىنىشقا باشلىغان دائېش مىلىتانلىرى مەيدانلاردا ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن، يېنىدا ئەر كىشى بولمىغان ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائېش مىلىتانلىرى خەلقتىن باج ئالماقتا، ئۆزىنىڭ ساقچى تەشكىلاتنى قۇرماقتا، قارشى چىققۇچىلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەش كارتېر لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ۋاشىنگىتوننىڭ ھازىرچە لىۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش نىيىتى يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇ دۆلەتتە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېشنىڭ لىۋىيەگە توپلىنىشى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى جەڭچىلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر