گالاتا مۇنارى زىيارەتكە ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىكى گالاتا مۇنارى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىپ، قايتىدىن زىيارەتكە ئېچىۋېتىلدى.

2144871
گالاتا مۇنارى زىيارەتكە ئېچىلدى
galata 3.jpeg
galata 1.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتا مۇنارى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن ئاكادېمىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ رېمونت قىلىنغان قىياپىتى بىلەن، زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى باشلىدى.

يەرلىك ۋە چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان مۇنارنىڭ سەككىزىنچى قەۋىتىدە مەنزىرە تاماشى قىلىدىغان بالكون بار بولۇپ، بۇ يەردىكى فوتوگرافقا چۈشۈش پۇرسىتى كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.

ئالتىنچى قەۋەتتە، ئائىلىلەر «ئىستانبۇلنى تېپىڭ» ناملىق ۋىدېئو ئويۇنى ئوينىيالايدۇ. ئىككىنچى قەۋەتتە، تۈرك ئالىمى ئەھمەت چەلەبىنىڭ گالاتا مۇنارىدىن ئۈسكۈدارغا ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكى تېما قىلىنغان كۆرۈنۈشتىن بەھر ئالالايدۇ.

گالاتا مۇنارى 674 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 23-فېۋرال (2023) يەر تەۋەرشكە چىداملىق قىلىش ۋە سىرتقى قىسمىنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق تاقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر