G7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىناغا قەرز بېرىشتە كېلىشتى

G7دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمنى كاپالەت قىلىپ، ئۇكرائىناغا 50 مىليارد دوللار قەرز بېرىش مەسىلىسىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلدى.

2152708
G7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىناغا قەرز بېرىشتە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيادا ئەڭ تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ۋە بۈگۈن (13-ئىيۇن) ئىتالىيەدە باشلانغانG7  دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇكرائىنانى مالىيە جەھەتتىن قوللاش پىلانىدا پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنغان.

كېلىشىم رامكىسىدا، G7  دۆلەت گۇرۇھى رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى كاپالەت قىلىپ، 2024-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇكرائىناغا 50 مىليارد دوللار قەرز بېرىدۇ. قەرزنىڭ كۆپ قىسمىغا ئامېرىكا كاپالەت بېرىدىغان بولۇپ، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ھەسسە قوشىدۇ.

G7  دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ئۆتكەن ئاي (2024-يىلى ماي) ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمنى ئۇكرائىنانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ئىشلىتىش تەكلىپى ئۈستىدە كېلىشەلمىگەن ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تەخمىنەن 300 مىليارد دوللارلىق رۇسىيە مال-مۈلكىنى توڭلاتتى. بۇنىڭ 200 مىليارد دوللارلىق قىسمى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە.

توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلەردىن ھەر يىلى مىلياردلارچە دوللار ئۆسۈم كېلىدۇ. G7  دۆلەت گۇرۇھى بۇ كىرىمدىن ئۇكرائىنانى قوللاشتا پايدىلىشنى تەكىتلىمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر