ئەردوغان بىلەن سانچېز سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز 8 – نۆۋەتلىك ئىسپانىيە – تۈركىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، مادرىدتا چاقىرىلغان سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

2152642
ئەردوغان بىلەن سانچېز سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن 150 گە يېقىن سودا – سانائەتچى بىلەن ئىسپانىيە سودا – سانائەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېزمۇ ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرىغا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«نۆۋەتتە بىز ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا قان تۆكۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشتەك تەكەببۇرلۇققا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ھەرقانداق ۋىجدانلىق بىر دۆلەتنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

ئىسپانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرى ئالدىدا نامايان قىلىۋاتقان مەيدانىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«باش ۋەزىر سانچېز ئەپەندىم (پەلەستىن مەسىلىسىدە) پىرىنسىپال ۋە ئاقىلانە سىياسەتنى يولغا قويدى، بۇ ئارقىلىق  پەلەستىن ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.»

ئەردوغان ئىسپانىيەنىڭ غەززەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ دوستى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«سودا - سانائەتچىلىرىمىزگە ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دۆلەتلىرىمىزنى پارلاق كېلەچەك مەنزىلگاھىغا يەتكۈزەلەيمىز.»

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېزمۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئىسپانىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىك ۋە رايونىدىكى مۇھىم ئاكتىيوردۇر. ئىسپانىيە بىلەن تۈركىيە ھەر ساھەدە مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر