تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ

تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2152683
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) ئەگە دېڭىزىدىكى 9 ساھەدە نېفىت ئىزدەيدۇ.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى كانچىلىق ۋە نېفىت ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نېفىت شىركىتى تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى 9 ساھەدە نېفىت ئىزدەش ئىجازەتنامەسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر