مىنىستىر شىمشەك لوندوندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مالىيە ۋە خەزىنە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندونغا يۈرۈپ كەتتى.

2154190
مىنىستىر شىمشەك لوندوندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەھمەت شىمشەك جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان لوندون زىيارىتى جەريانىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار، يەرشارى مەبلەغ سېلىش فوندى ۋە ئىناۋەت باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ بىرى بولغان چاتام خاۋۇسنىڭ لوندون يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلار ۋە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پروگراممىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر