پۇتىن رۇسىيەدىكى ئامېرىكا مال-مۈلۈكلىرىنى رۇسىيەنىڭ زىيانلىرىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياكى ئۇنىڭ بىلەن چېتىشلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ رۇسىيەدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى رۇسىيە ياكى رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا سېلىنغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى.

2143499
پۇتىن رۇسىيەدىكى ئامېرىكا مال-مۈلۈكلىرىنى رۇسىيەنىڭ زىيانلىرىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدىكى ئامېرىكا مال-مۈلۈكلىرى بىر تەرەپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامە پىرېزىدېنت پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ قانۇن ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلىندى.

قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىتىلغان كىشى ياكى تەرەپلەر رۇسىيەدىكى سوت مەھكىمىلىرگە ئەرز سۇنسا بولىدىكەن؛ ئېنىقلاپ بېكىتلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ، ئامېرىكا بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەت ياكى شەخسلەرنىڭ رۇسىيەدىكى مال-مۈلۈكلىرى ئىشلىتىلىدىكەن.

قارارنامەدە ھۆكۈمەتكە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكادا توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكنىڭ بەدىلىگە رۇسىيەدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئامېرىكا مال-مۈلۈكلىرىنى ئېنىقلاش ھوقۇقى بېرىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 24-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنى تەستىقلىغانىدى.

غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ تەخمىنەن 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر