فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلىدى

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت چارلاش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

2143315
فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى «گۆكتەپە-2» قۇدۇقىنى كولاشقا باشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قارا دېڭىزدا يېڭى بايقاشلارغا يەلكەن ئېچىۋاتىمىز. <فاتىھ> ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىمىز ساكاريا تەبىئىي گازلىقىدىكى <گۆكتەپە-2> قۇدۇقىنى كولاشقا باشلىدى. بىز بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرساق، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ساھەلەردىكى چارلاش خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر