تۈركىيە 52 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولغان ھەسەل بۇ يىل (2023) نىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيى ئىچىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىندى.

2056186
تۈركىيە 52 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا، ئېكسپورتتا 12-ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيە، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە 7137 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلغان، بۇنىڭدىن 23 مىليون 393 مىڭ 402 دوللار كىرىم قىلىنغان.

بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 9 مىليون 925 مىڭ 259 دوللارلىق ھەسەل ئېكىسپورت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ھەسەل ئېكىسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن پەرقلىق ھالدا كىرودىيە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئالبانىيە، ئىسلاندىيە، شىۋېتسىيە، سۈرىيە، ئۆزبېكىستان ۋە كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەسەل ئېكىسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر