تۈركىيەدە ئىشسىزلىق تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى قىلغان 4-ئايلىق ئەمگەك كۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەن.

2150863
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 4-ئايلىق ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مىقياسىدىكى ئىشسىزلار سانى ئاپرېل ئېيىدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 18 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 3 3 مىليون 42 مىڭغا يەتكەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 0.1 پوئىنت تۆۋەنلەپ ،% 8.5 بولغان. ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 1.5 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر