2500 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر ساياھەت كېمىسى بودرۇمغا لەڭگەر تاشلىدى

2513 ساياھەتچى باھاما بايرىقى ئېسىلغان «نورۋېگىيە قاشتېشى» ناملىق ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە كەلدى.

2033511
2500 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر ساياھەت كېمىسى بودرۇمغا لەڭگەر تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رودېس پورتىدىن كېيىن بودرۇمغا قاراپ يولغا چىققان 294 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غايەت زور ساياھەت پاراخوتى —«نورۋېگىيىلىك قاشتېشى» بودرۇم ساياھەت پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پاراخوتتا كۆپ سانلىقى ئامېرىكالىق ۋە ئەنگلىيەلىكلەردىن تەركىب تاپقان 2513 يولۇچى بىلەن 1029 نەپەر پاراخوت خادىمى بار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، «زۇمرەت ئازۇررا» ناملىق 110 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەشەمەتلىك بىر ساياھەت پاراخوتىمۇ پورتقا لەڭگەر تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر