دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىشى توغرىسىدا بايانات بەردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئىجرائىيە مۇدىرى سىندى ماككايىن قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز چوقۇم بىر چىقىش يولى تېپىشىمىز كېرەك» دېدى.
2012950
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماككايىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى (كېلىشىمى) مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يەر شارى ئاچارچىلىق كىرىزىسى مەزگىلىدە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. ئەمما بۈگۈن (تۈنۈگۈن) روسىيە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىنى تاللىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىينىلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ پاراللېل قۇربانى بولۇشى ناھەقچىلىك. بىز چوقۇم چىقىش يولى تېپىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.