تۈركىيە ئامېرىكاغا مال ئېكىسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكىسپورتى بۇلتۇر 14 مىليارد 362 مىليون دوللارغا يېتىپ، رېكورت ياراتتى.

1929928
تۈركىيە ئامېرىكاغا مال ئېكىسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادقا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ 2022 - يىلى تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىشنى داۋاملاشتۇردى.

تۈركىيە دۇنيا ماركىلىرىغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش مەركىزى بولۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سېلىنما ۋە سودىنىڭ ئېشىشى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئېكىسپوت سودىسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەركىزى  ئىشخانىسى ئامېرىكادا ۋە ئۆزى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ تۈرك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئېكىسپورتى بۇلتۇر 14 مىليارد 362 مىليون دوللارغا يېتىپ رېكورت ياراتتى. ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورت 2022 – يىلى ئىلگىرىكى بىر يىل (2021) غا سېلىشتۇرغاندا %11.8 ئاشتى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسىدىكى ئۈلۈشى %5.6 بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا رۇسىيەدىن قالسىلا تۈركىيە بۇلتۇر ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.

ئامېرىكاغا ئۆتكەن يىلى خىمىيەلىك ماتېرىياللار ۋە مەھسۇلاتلار ساھەسى ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلدى. خىمىيەلىك ماتېرىياللار ۋە مەھسۇلاتلار ساھەسى ئامېرىكاغا  1 مىليارد 523 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئامېرىكاغا تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسى 1 مىليارد 435 مىليون دوللارلىق، پولات-تۆمۈر سانائىتى ساھەسى 1 مىليارد 220 مىليون دوللارلىق، تەييار كىيىم-كېچەك ساھەسى 1 مىليارد 8 مىليون دوللارلىق، ئۈنچە-مەرۋايىت زىبۇ - زىننەت ساھەسى 998 مىليون 332 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر