تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %27.1 ئېشىپ، 17 مىليارد 952 مىليون 361 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1898438
تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى ساياھەت ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلىپ،  تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغان %27.1 ئېشىپ، 17 مىليارد 952 مىليون 361 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ مەزگىلدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ %75.1 ى ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن.

تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %67.9 ئېشىپ، 35 مىليارد 28 مىليون 540 مىڭ دوللارغا؛ ساياھەتچىلەر سانى %94 ئېشىپ 39 مىليون 390 مىڭ 915 ئادەم قېتىمغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر