ئەردوغان: تاشقى پىرېۋوتقا مۇناسىۋەتلىك پىلانىمىز ئەمەلىيلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشقى پىرېۋوتنى ئەركىن بازار ئىقتىسادى رامكىسىدىن چىقماستىن دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ھالەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان پىلانلىرىنىڭ نىشانىغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1751163
ئەردوغان: تاشقى پىرېۋوتقا مۇناسىۋەتلىك پىلانىمىز ئەمەلىيلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىنسان ئەقلىگە كېلىدىغان ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، خۇپيانە قىلتاقلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يېرىم كېچە بولغاندا باشلىنىپ توختاۋسىز داۋاملاشقان مالىيە ئويۇنلىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىز تىز پۈكتۈرۈلمەكچى بولدى. بۇ جەرياندا ئالدىمىزغا ئۇچرىغان بارلىق توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كۈرەش قىلدۇق. بارلىق سىياسىي، پىسخولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي ھەر خىل تۇزاقلارنى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بوزۇپ، يولىمىزنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇردۇق. بىز بۇ دۆلەتنى نىشانلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتمىدۇق، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە بەرپا قىلىش نىشانىدىن قەتئىي ئېغىپ كەتمىدۇق» دېدى.

خەلقنى ئۆسۈم ۋە پۇل پاخاللىقىغا قۇربان قىلىۋەتمەيدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يېڭى بىر ئاتلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ، كۈتكەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر