سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودورۇمى «يۇقىرى مەدھىيەگە لايىق ئايرودورۇم» بولۇپ تاللاندى

ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودورۇمى ياۋروپا ئايرودورۇم كېڭىشى (ACI Europe) تەرىپىدىن «يۇقىرى مەدھىيەگە لايىق ئايرودورۇم» بولۇپ تاللاندى.

1529840
سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودورۇمى «يۇقىرى مەدھىيەگە لايىق ئايرودورۇم» بولۇپ تاللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئايرودورۇم كېڭىشى (ACI Europe) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سابىھا گۆكچەن ئايرودورۇمىنىڭ 25-40 مىليون يولۇچىغا ئىگە ئايرودورۇملار تۈرى بويىچە «يۇقىرى مەدھىيەگە لايىق ئايرودورۇم» بولۇپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ سەۋەبى بولسا، 5-ئايدىن باشلاپ تېرمىنال بىناسىدا يولغا قويۇلغان كوۋىد-19 تەدبىرلىرى، يولۇچىلارغا سۇنۇلغان تورلۇق ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە تاقىۋىتىلگەن ئاپرېل-ماي ئايلىرىدا ئايرودورۇمدا ئېلىپ بېرىلغان رېمونت قىلىش ۋە تۈزەش پائالىيەتلىرى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

سابىھا گۆۆچەن ئايرودورۇمى 2018 – يىلىمۇ  ياۋروپا ئايرودورۇم كېڭىشى (ACI Europe) تەرىپىدىن «يۇقىرى مەدھىيەگە لايىق ئايرودورۇم» بولۇپ تاللانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر