TAP ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە تەييار
ئەزەربەيجاننىڭ شاھ دېڭىز 2 ساھەسىدىكى تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى (TAP) قۇرۇلۇشى 4.5 يىلدىن كېيىن تاماملاندى.
![TAP ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە تەييار](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/44b8/3aeb/8b5d/5ee0c11849b88.jpg?time=1718934691)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدىن تارتىپ ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قوبۇل قىلىش تېرمىنالىغىچە سوزۇلىدىغان لىنىيەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سودا پائالىيەتلىرىنى باشلايدىكەن.
ئەزەربەيجاننىڭ شاھ دېڭىز 2 ساھەسىدىكى تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدا ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى.
جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ ياۋروپا قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، ئالبانىيە ۋە ئادرىياتىك دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيەگە ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ.
ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ % 20 ئۈلۈشىنىBP ، SOCAR ۋە Snam شىركەتلىرى كونترول قىلىدۇ. لايىھەدە Fluxys % 19، Enagas % 16 ۋە Axpo % 5 ئۈلۈشكە ساھىبتۇر.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718934691)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.