ئالتۇن: بىز تۈركىيە - ئامېرىكا سودا ھەجىمىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا كۆڭۈل بۆلىمىز

فاھرەتتىن ئالتۇن، «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىمىزنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز...» دېدى.

1505741
ئالتۇن: بىز تۈركىيە - ئامېرىكا سودا ھەجىمىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا كۆڭۈل بۆلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىمىزنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان ۋىدېئو دىياگراممىسىنى ھەمبەھرىلەپ، «كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى يالغۇز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىلا ئەمەس، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش ناتودىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىمىزنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر