ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇدانغا ياردەم بېرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇدانغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشىدە 80 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدۇ.

1398776
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇدانغا ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارالىق ھەمراھلىق ئىشلىرى كومىسسارى جۇتتا ئۇرپىلانېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇدانغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشى ئۈچۈن 80 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سۇدان سەھىيە مىنىستىرى ئەكرەك ئەلى ئەتتۇم، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 120 مىليون ياۋرولۇق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى، باش مىنىستىر ھەمدۇكمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشكە ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سۇداندا ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 4 كىشى قازا قىلغان، 29 كىشى يۇقۇملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر