رۇسىيە ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن %5 تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن

روسىيە بوغالتىرلىق مەھكىمىسى باشلىقى ئالېكسېي كۇدرىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى  تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلغان تەقدىردە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ %5 تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1397166
رۇسىيە ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن %5 تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسىيەنىڭ سابىر مالىيە مىنىسترى ئالېكسېي كۇدرىن «RBK» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كوۋىد -19 يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن روسىيە ئىقتىسادىدىكى ئۆزەىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئالېكسېي كۇدرىن «بانكىلار كرىزىسنى 3 ئاي ئىچىدە ھېس قىلىشقا باشلايدۇ، 6 ئاي ئىچىدە بولسا تولۇق ھېس قىلىدۇ. بانكىلارنىڭ قوشۇمچە مەبلەغ قوشۇشى زۆرۈر ھالغا كېلىشى مۇمكىن» دېدى.

كۇدرىن روسىيەدە 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ئىشسىزلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ سان ۋاقىتلىق 8 مىليونغا ئۆرلىشى مۇمكىن» دېدى.

كۇدرىن دۆلەتتە بىر ئاي ئەتراپىدا كارانتىنا تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز بۇ تەدبىرنىڭ قاچانغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيمىز. بۇمۇ بەزى رايون ۋە ساھەلەرنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كوۋىد -19 غا قارشى ئېكىنغان تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلسا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى %5 تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر