تۈركىيەدە يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش نىسبىتىدا رېكورت يارىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيەدە يېڭى ئۆيلەرنىڭ قەرز ئۆسۈمى 0.79 غا چۈشۈرۈلىدىغان بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردىكى ياخشىلىشىش سەۋەبىدىن كېلەر يىللىق ئۆي سېتىش نىسبىتىنىڭ 1 مىليون 500 غا چىقىپ، رېكورت يارىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

1332636
تۈركىيەدە يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش نىسبىتىدا رېكورت يارىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئۆي مۈلۈك ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، يېقىنقى 4 ئايدا، رەنىلىك ئۆي سېتىشتا %750 لىك يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە كېچىكتۈرۈلگەن تەلەپلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 2020يىلىدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ قەرز ئۆسىمىنىڭ %0.79 چۈشۈرىلىدىغان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆي مۈلۈك ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلىگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆي مۈلۈك سېتىشتا ئەسلىدىكى 1 مىليون 403 مىڭلىق رېكورتنىڭ 2020يىلىدا 1 مىليون 500 مىڭغا چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋەكىللەر، ئىشلىتىلگەن ئۆيلەردىمۇ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %1 دىن تۆۋەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادتىكى ياخشىلىنىش بىلەن بىرگە ئۆي مۈلۈك سېتىش نىسبىتىدە رېكورت يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر