رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا نېفىت كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 10 يىل ئۇزارتتى.

1317469
رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەتلىك نېفىت يۆتكەش شىركىتى Ukrtransnafta بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گاۋرىلېنكو بىلەن رۇسىيە دۆلەتلىك نېفىت يۆتكەش شىركىتى Transeft نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سېرگېي ئاندرونوۋنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، رۇسىيەنىڭ  ئۇكرائىنا ئارقىلىق نېفىت يۆتكىشىگە ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى 10 يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، كېلىشىمنىڭ مۇددىتى 31 – دېكابىر كۈنى توشىدىغان بولۇپ، رۇسىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىدىن درۇجبا ۋە ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىگە كۈنىگە 1.2 – 1.4 مىليون ۋارىل نېفىت يەتكۈزمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر