خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىدىغان بولدى

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ليۇ خېنىڭ سودا مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1127830
خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گۇا فىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركىزىي مالىيە ۋە ئىقتىسادىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ليۇ خېنىڭ 30ۋە 31يانۋاردا ئامېرىكىغا بېرىپ، سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

باياناتچى گۇا فىڭ بۇ زىيارەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق خىتاي دۆلەت رەئىسى شى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بىردەك پىكىرلىرىنى ئورتاقلىشىپ رىغبەتلەندۈرۇش رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرى 7- يانۋاردىن 9يانۋارغىچە بېيجىڭدا سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان، ئىلگىرى مۇزاكىرە مۇددىتىنىڭ ئىككى كۈن بەلگىلەنگەن بولۇشىغا قارىماي ئۈچ كۈنگە ئۇزارغان شۇ قېتىمقى مۇزاكىرىلەردە، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان ئىدى.

مەزكۇر مۇزاكىرىلەرنىڭ خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇزاكىرىلىرىدىكى ئۆزئارا ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاساس يارىتىپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ھەر ئىككى تەرەپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆزئارا سودا ۋە ئورتاق ئەندىشە مەسىلىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

مۇئاۋىن مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئۆتكۈۈلگەن مۇزاكىرىلەرگە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ۋە سودا مىنىستىرى جوڭشەن قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ئاخباراتلىرىدا «مۇزاكىرىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ سەمىمىيىتىنىڭ نامايەندىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر