ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ياۋروپا تېرروتېرىيەسىدە سۇيىقەست پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

1122353
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن ئىككى ئىران پۇقراسىنىڭ ياۋروپا تېرروتېرىيەسىدە سۇيىقەست پىلانلىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىلگىرىكى تىزىملىكتىكى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار بىلەن قوشقاندا، جەمئىي 15 كىشى ۋە 21 ئىران ئورگىنى ياكى تەشكىلاتىغا ئۇدا 6 ئاي ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر