تۈركىيەنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نويابىر ئېيى ۋە يانۋار – نويابىر ئايلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكىلىرى ئېلان قىلىندى.

1116783
تۈركىيەنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى نويابىر ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %9.4 ئېشىپ 15 مىليارد 529 مىليون دوللار؛ ئىمپورتى %21.3 تۆۋەنلەپ 16 مىليارد 180 مىليون دوللار بولدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نويابىر ئېيى ۋە يانۋار – نويابىر ئايلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا قارىغاندا، تاشقى سودا قىزىل رەقىمى نويابىر ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %89.8 تۆۋەنلەپ، 651 مىليون دوللارغا چۈشكەن.

ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا %69.1 بولغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %96 گە يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار – نويابىر ئايلىرى ئارىسىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %7.7 ئېشىپ 154 مىليارد 186 مىليون دوللارغا يەتتى، ئىمپورت %2 تۆۋەنلەپ 206 مىليارد 505 مىليون دوللارغا چۈشتى.

بۇ مەزگىلدە تاشقى سودا قىزىل رەقىمى %22.6 تۆۋەنلەپ 52 مىليارد 319 مىليون دوللار بولدى. بۇ جەرياندىكى ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش نىسبىتى %74.7 دەپ ھېسابلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر