يەمەن تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن

يەمەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلھادرامى تۈركىيەنىڭ دۆلىتىگە بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ۋە تىنچلىق ئورنىتىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1111291
يەمەن تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (سابا) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھادرامى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا تۈركىيەنىڭ سانا باش ئەلچىسى لەۋەنت ئەلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا يۇقىرى باھا بەرگەن، ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللىشى، دۆلەتتە «پاررىس قولتۇقى تىنچلىق پىلانى، 2014 – يىلقى مىللىي دىيالوگ كونفېرانسىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى» غا ئاساسەن تىنچلىق ئورنىتىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن. تۈركىيەنىڭ سانا باش ئەلچىسى لەۋەنت ئەلەر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندىكى سىياسىي ۋە ئىنسانىي ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئىنسانىي تىراگېدىيە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىغان يەمەنىڭ كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرىدە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەزمۇن قىلىنغان پىلان – لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر