غەربىي قارادېڭىزدا مول تەبىئىي گاز مەنبەلىرى بايقالدى
«بارباروس» ناملىق پاراخوت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى داۋامىدا غەربىي قارادېڭىزدا مول تەبىئىي گاز مەنبەلىرى بايقالدى.
1088695
![غەربىي قارادېڭىزدا مول تەبىئىي گاز مەنبەلىرى بايقالدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a28a/9f85/8c8e/5bc898828a90b.jpg?time=1719224068)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاقدېڭىزدىن سىرت يەنە، قارادېڭىزدىمۇ تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرمەكتە. قارادېڭىزدا «بارباروس» ناملىق پاراخوت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، غەربىي قارادېڭىزدا مول تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيە دېڭىز چېگرالىرىنىڭ تۈركىيە دېڭىز چېگرالىرى بىلەن تۇتىشىدىغان نۇقتىدىكى «تۇنا رايونى» دا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1719224068)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.