تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1070622
تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئۆكتەبىر ئېيى ئىقتىسادىي ساھەدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان پۇل پاخاللىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۆلچەردىكىدىن يۇقۇرى بولۇشى، يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەرنىڭمۇ يۇقىرى يۆنىلىشلىك ھالەتتە شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغانىدى. دەل بۇ نۇقتىدا، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك كۈرەش قىلىش پىلانى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ بارلىق ئورتاقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت ھالەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ كەڭ دائىرىلىك قەدىمى تاشلاندى. بۇ پىلانغا ئاساسەن، ئىجرا قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان مال باھالىرىنى تۆۋەنلىتىش قەدەملىرى ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىغا دائىر ئىجابىي يۈزلىنىشلەر ئالدىدا باشقا پۇل بىرلىكلىرىگە نىسبەتەن تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى ئۆرلەشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئاۋغۇست ئېيى دائىملىق ھېسابات سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ، مەزكۇر باسقۇچتا دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى كۆرسەتكەن تۈركىيە ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭلىشىش مۇساپىسىنىڭ تەسىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىشارەتچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك.

تۈركىيە ئىقتىسادى 90 – يىللاردا پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىدە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. 2002 – يىلىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق بولسا، پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار غەلىبە ھېكايىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەزگىلدە تۈركىيە تارىخىدا ئۇزۇن يىللار بويىچە كۆرۈش نېسىپ بولمىغان پۇل پاخاللىقىنىڭ بىر خانىگە چۈشكەنلىكى كۆرۈلدى. بىراق، يېقىنقى ئايلاردا تاشقى پېرېۋوتتىن پايدىلىپ تۈركىيە ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى ئىستېمالچىلار باھاسىنىڭ يۇقىرى يۆنىلىشلىك ھەرىكەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ جەھەتتە، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك كۈرەش قىلىش پىلانىنىڭ ناھايىتى جايىدا بولغانلىقى ۋە باھالار كۈتۈلگەن مىقداردا چۈشۈرۈلگەن تەقدىردە، ئۈنۈم يارىتىشى كۈتۈلمەكتە.

مەيلى شىركەتلەرنىڭ %10 لىك باھانى چۈشۈرۈش سەپەرۋەرلىكىگە ئاۋاز قوشۇشى بولسۇن، مەيلى بانكىلارنىڭ 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئېلىنغان يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمىنى %10تۆۋەنلىتىشى بولسۇن، مەيلى يىل ئاخىرىغىچە توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلمەيدىغان بولۇشى، بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ قەدەملەر ئارقىلىق يىل ئاخىرىغىچە باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ تىزگىنلىنىشى بويىچە مۇھىم بىر چارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش لازىم. تاشقى پېرېۋوت داۋالغۇشى پەيدا قىلغان تەسىرنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ئىستىمالچىلارغىچە بولغان ئىقتىسادنىڭ بارلىق ئاكتىيورلىرىدا ئەكس ئېتىش نىسبىتىنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش يولىدا بارلىق شېرىكلەر ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆتكەن ھەپتە تۈرك لىراسىنىڭ %3 لىك قىممەت يارىتىشى ۋە بورسا ئىستانبۇلدا BİST 100 ئېندىكسىنىڭ %1.87 ئۆرلىشى بىلەن تۈرك لىراسى تۈرىدە ئىجابىي يۈزلىنىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. ھەتتا، 10 يىللىق زايۇم ئۆسۈمىنىڭمۇ ئۆتكەن ھەپتىنى %20.77 بىلەن باشلاپ %19.06 بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاۋغۇست ئېيىدىكى دائىملىق ھېساباتقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا كېلىدىغان بولساق، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ مەزگىلدە، 2 مىليارد 600 مىليون دوللار دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى بېرىپ، 2015 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايلىق ئۆلچەمدە دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى كۆرسەتكەن بولدى. شۇنداق قىلىپ، 12 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە نەزەر سېلىنغىنىدا، ئىيۇل ئېيىدا 54 مىليارد 600 مىليون دوللار بولغان دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى ئاۋغۇست ئېيىدا 51 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشكەن بولدى.

دائىملىق ھېساباتتىكى بۇ ياخشىلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى تاشقى سودا قىزىل رەقىمىدىكى تۆۋەنلەشتۇر. يەنە ساياھەت كىرىملىرىدىكى ئەسلىگە كېلىشنىڭمۇ دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش لازىم. بۇ مەزگىلدە، دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى ھاسىل بولۇشىنىڭ ئىقتىسادتا تەڭپۇڭلىشىشنىڭ ئىشارەتچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا، باشلامچى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىمۇ دائىملىق ھېسابات ئېشىندىسى چىقىدىغانلىقىغا دائىر سىگناللىرىنى دىققەتكە ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىغا ئومۇملاشتۇرۇپ قارالغىنىدا، دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمىنىڭ 30 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال، يېڭى ئىقتىساد پىلانىدىمۇ مۆلچەرلەنگىنىدەك، 2018 – يىلىنىڭ 36 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇۋاتقان دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى نىشانىغا يېقىن نۇقتىدا ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىشارەتچىسىدۇر.

دېمەك، دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمىدىكى بۇ خىل ياخشىلىنىشلارنى سىجىللىققا ئايالاندۇرۇش جەھەتتە يېڭى ئىقتىساد پىلانى نىشانلىرىنى بويلاپ تاشلىنىدىغان قەدەم ۋە ئىجرا قىلىنىدىغان ھەر بىر سىياسەت ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر