ئامېرىكا ئىراننىڭ داڭلىق شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدىن « Bank Mellat » بىلەن « Mehr Eqtesad Bank» نىڭمۇ « تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1070331
ئامېرىكا ئىراننىڭ داڭلىق شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىغا قاراشلىق «بەسىج تىركىشىش كۈچى» نى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن، چوڭ – چوڭ بانكىلار، كانچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئىران شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەل بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدىن « Bank Mellat » بىلەن « Mehr Eqtesad Bank» مۇ «<ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شىركەتلەر> تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.  بۇ دائىرىدە، «بەسىج تىركىشىش كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ بالا ئەسكەر بىلەن تەمىنلەش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق قەبىھ پائالىيەتلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تىراكتور ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بىلەن ئەڭ چوڭ پولات ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان ئىران شىركەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:

 Parsian Bank ، Sina Bank ، Andisheh Mehvaran  سېلىنما شىركىتى، Mehr Eqtesad Finans  گۇرۇھى،  Taktar سېلىنما شىركىتى، Tadbirgaran Atiyeh  سېلىنما شىركىتى ، ئىران مىنېرال تەرەققىيات شىركىتى ، Negin Sahel Royal  سېلىنما شىركىتى، Technotar  ئىنژېنېرلىق شىركىتى، Zanjan  كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، Parsian Catalyst  خىمىيە شىركىتى، Calcimin ، Bahman  گۇرۇھى، Bandar Abbas  سىنك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، Qeshm  ئېرىتىش ۋە كىچىكلىتىش شىركىتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەل بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىغا قاراشلىق «بەسىج تىركىشىش كۈچى»  تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ناملار بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەر، ئىراننىڭ ئاپتوموبىل، كانچىلىق ۋە بانكىچىلىق ساھەلىرىدە مىلياردلارچە دوللارنى كونتىرول قىلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان ئىران شىركەتلىرى توغرۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېكونفېرانستا، ««بەسىج تىركىشىش كۈچى» تېررورلۇق تەشكىلاتلىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان شىركەتلەر بىلەن شېرىكلەشكەن ئامېرىكىلىقلاردىن سىرت يەنە، ئوتتۇرا شەرقلىق ۋە ياۋروپالىق شەخسلەرگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر