تۈركىيە پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەشكە ئۆتتى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىش» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1066841
تۈركىيە پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەشكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىش» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان سېنتەبىر ئېيىدىكى پۇل پاخاللىقى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى %24.5؛ ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى بولسا، %46.1 بولغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بىرلىكتە، ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ 2003 – يىلى ئىيۇندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇشى، ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆرسەتكۈچتە يېڭى بىر رېكورتنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق، بۇ ئەھۋالغا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىدىن باشقا تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز.

ئېنىقىنى دېگەندە، ئاۋغۇست ئېيىدا يۈز بەرگەن تاشقى پېرېۋوت داۋالغۇشى سېنتەبىر ئېيىدىكى پۇل پاخاللىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. تاشقى پېرېۋوتتا مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە كۆرۈلگەن مەزكۇر داۋالغۇشنىڭ مال باھاسىدا ئەكس ئېتىشى ۋە بۇنىڭ قەدەممۇ قەدەم ھېس قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىشتۇر. ئالدىمىزدىكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنە بۇ تاشقى پېرېۋوت داۋالغۇشلىرىنىڭ مال باھالىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ يەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان يەنە بىر مەسىلە توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئىجابىي يۆنىلىشنى بىردىنلا توختاتماقچى بولغان بۇ  ئۇرۇنۇشنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك كۈرەشتە خەلقتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگىچە بولغان قاتلاملار قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؟

تۈركىيە ئىقتىسادى تارىخىدا كۆپ قېتىم پۇل پاخاللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى. مەسىلە شۇ نۇقتىغا بېرىپ يەتتىكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 2002 – يىلىدا تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقى %60 ئەتراپىدا ئىدى. يېقىنقى 16 يىلنىڭ مابەينىدە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر سايىسىدا بۇ نىسبەت كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ بىر خانىگە چۈشكەنلىكى كۆرۈلدى. 2002 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ مۇقىملىق نىشانى پەقەت سىياسىي ۋە مالىيە ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ مال باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ھېس قىلىنىشى ئەڭ تۈپ نىشانلارنىڭ بىرى ئىدى، بۇ نۇقتا ئەمەلىيلەشتى. بىراق، چىقىپ تۇرىدۇكى، بولۇپمۇ 2016 – يىلىدىكى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئىقتىسادتىن پايدىلىنىپ تۈركىيە ئىقتىسادىغا تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ بولسۇن، ئىقتىسادنىڭ خەلقكە سوزۇلىدىغان قولى بولغان پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىنماقتا.

نۆۋەتتە مەيلى يېڭى ئىقتىساد پىلانىدا ئورۇن ئالغىنىدەك بولسۇن، مەيلى ئىقتىساد رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك بولسۇن، پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىشتا بارلىق كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈك چۈشىدۇ. شۇنداق، تاشقى پېرېۋوت داۋالغۇشىنى پۈتكۈل دىنامىكلىرى بىلەن بىرلىكتە باشتىن كەچۈردۇق، ھېس قىلدۇق، بىراق، بۇنىڭ خەلققە كۆرسىتىدىغان ئەڭ روشەن تەسىرى بولغان مال باھاسىدا ئەكس ئېتىشىنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش، بۇ چارقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. چۈنكى، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، پۇل پاخاللىقى، تاشقى پېرېۋوت ۋە ئۆسۈم ئۆلچىمى ئىقتىسادتا قەتئىي ساقلىنىش كېرەك بولغان ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. نە تاشقى پېرېۋوتتىكى داۋالغۇشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش مەقسەتلىك ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارلىرىنىڭ ، نە بۇ ئۆسۈملەرنىڭ كۆلەڭگىسىدە سېلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان سېلىنمىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە ئىقتىسادقا پايدىسى بولمايدۇ.

تەڭپۇڭلىشىش دەۋرىگە قەدەم باسقان تۈركىيە ئىقتىسادى باشتىن كەچۈرىدىغان ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر ئۈچ ئامىلدىن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە يىراق تۇرۇشى لازىم. پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىغا ئالاقىدار ئۈمىد ۋە مۆلچەرلەرگە ئاساسەن يۆنىلىش بەلگىلىمەسلىكى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى چىقىدۇ، دېگەن قاراشقا ئاساسەن كارخانىچىلار مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم.

بۇ جەرياندا مال ۋە مۇلازىمەت باھالىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ كونترول قىلىنىشى تەلەپتە ئازىيىش كۆرۈلۈش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپ قالماسلىق نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، كېيىنكى باسقۇچتا قىممەتچىلىك تەلەپنى ئازايتىدۇ-دە، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىغان مەھسۇلاتنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى قاتلاملارنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى پەۋقۇلئاددە ئۆستۈرۈۋېتىشى، بۇ نۇقتىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس. بۇ جەھەتتە زۆرۈر بولغان چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى، ھەتتا تۈزۈمنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

بۇ دائىرىدە، مەيلى دۆلەت، مەيلى خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەر بولسۇن، بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ۋە پۇل پاخاللىقى بىر خانىگە چۈشكۈچە مەزكۇر پوزىتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە، ئۈمىد ۋە ئارزۇلارنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە باھانىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلەرنى يوقىتىپ تاشلاش كېرەك. بۇ، ھازىرقى ھالەتنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقىدا قالدۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ساغلام بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەمپىكىر بولۇش ۋاقتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر