تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

تۈركىيە رۇسىيەدىن رۇس رۇبلىسى بىلەن 30 مىڭ توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلىدۇ.

1060735
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رۇسىيەدىن رۇس رۇبلىسى بىلەن بۇغداي سېتىۋالىدۇ.

رۇسىيەدىكى سوۋئېكون ئانالىز مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە رۇسىيەدىن 30مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالىدىكەن.

مەركەز بىر توننا بۇغدايغا تەخمىنەن 17مىڭ رۇبلى تۆلىنىدىغانلىقىنى، مىللىي پۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا تۈرتكىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇل ئوبروتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئارتۇقچە زىياننىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلسە تاشقى ئامىللارنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

رۇسىيە بۇ يىلنىڭ ئىيۇل-سېنتەبىر ئايلىرىدا تۈركىيەگە 1 مىليون 200 مىڭ توننا بۇغدا ئېكسپورت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر