ئامېرىكا-كانادا نافتانى يېڭىلاشتا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا بىر يىلدىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى-نافتا (NAFTA) نى يېڭىلاشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

1059764
ئامېرىكا-كانادا نافتانى يېڭىلاشتا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ يەكشەنبە (30-سېنتەبىر) تەرەپلەر ئارىسىدا نافتانى يېڭىلاش سۆھبەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ بۆلۈملەر ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى بىلەن كابېنتىنى يىغىنغا چاقىرىپ، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

كانادا س ب س (CBC) نىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرىنى ئاساس قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپلار ئۈستىدە 30-سېنتەبىر كېچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا: «كانادا ئۈچۈن پايدىسىز شەرتلەر قويۇلغان يېڭى نافتانى ئىمزالىمايمەن. ئىقتىسادىمىزنى كۈچەيتىدىغان، كانادالىقلار ئۈچۈن خىزمەت ۋە يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغان كېلىشىم تۈزۈلىدۇ. بىز پايدىسىز شەرتلىرى بولغان كېلىشىمنى ئىمزالىمايمىز» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىن باشلاپ شەرتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويغان نافتانى يېڭىلاشتا، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا بالدۇر كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ كونگرەگە نافتا كېلىشىمىنى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمزالاشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۇچۇرىنى بەرگەن بولۇپ، مەسئۇل دائىرىلەر كېلشىم مەزمۇنىنىڭ 1-ئۆكتەبىرگىچە تەييار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جورج بۇش، مېكسىكا پىرېزىدېنتى كارلوس سالىناس ۋە كانادا باش مىنىستىرى برىيان مۇلرونېي تەرىپىدىن 1992-يىلى 12-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا ئىمزالانغان نافتا، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا قويۇلغان تاموژبا باجلىرى، بەزى ماددىلارنىڭ سىرتىدا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. نافتا ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقلەرنى يوقىتىپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە بىرلىكتە ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى جەھەتتە پاراۋانلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر