پۇتىن: تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسى ۋېنگىرىيەگىچە سوزۇلۇشى مۇمكىن

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ۋېنگىرىيەگىچە سوزۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1052758
پۇتىن: تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسى ۋېنگىرىيەگىچە سوزۇلۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن موسكۋادا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى ۋېنگىرىيە تېرروتېرىيەسىدىن ھالقىپ، ياۋروپاغا يېتىپ بارماقتا. ۋېنگىرىيە تېرروتېرىيەسىدىكى يەر ئاستى ئىسكىلاتلىرى تەلەپلەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن مەزگىللەردىمۇ ياۋروپالىق ئىستېمالچىلارنى بىخەتەر ھەم ئۈزلۈكسىز تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.  ۋېنگىر شېرىكلىرىمىز رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان يېڭى مەنزىللەرنى داخىل قىلىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسى تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ لىنىيەنىڭ تارماقلىرىدىن بىرىنىڭ ۋېنگىرىيە تېرروتېرىيەسىدىن ئۆتۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ قارايمەن.»

ئېنېرگىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ۋېنگىرىيە ئىستېمال قىلىۋاتقان نېفىتنىڭ % 75 تىدىن كۆپرەكىنى، تەبىئىي گازنىڭمۇ % 60 تىدىن كۆپرەكىنى تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربان، 2019 – يىلى توشىدىغان مەۋجۇت كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى 2020 – يىلغىچە ئۇزارتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت پۇتىن ئېيتقاندەك، ۋېنگىرىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ۋېنگىرىيەگە قاراپ داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىمىز سىر ئەمەس. بۇ ۋېنگىرىيەگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. پىرېزىدېنت پۇتىن ئالىيلىرىدىن بۇ ھەقتە ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسىدە تەبىئىي گاز ئېقىشىنىڭ 2019 – يىلى دېكابىر باشلىنىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى قىسمى رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدىن تۈركىيەنىڭ قىيىكۆي رايونىغىچە قارادېڭىزنى بويلاپ تەخمىنەن 930 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن.

لايىھەنىڭ دېڭىز قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتىنىڭ % 100 ئىشتىراك قىلىشى بىلەن South Stream Transport B.V.  شىركىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر