ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئىرانلىقلارنى تۈركلەرنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىردى

ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئابدۇنناشىر ھىممەتى، تاشقى پېرېۋوتتىكى داۋالغۇشقا قارشى تۇرۇشتا تۈركلەرنى ئۈلگە قىلىپ كۆسەتتى.

1026804
ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئىرانلىقلارنى تۈركلەرنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقتىن ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان دوللار – ياۋرولىرىنى بانكىلارغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئابدۇنناشىر ھىممەتى، بۇنىڭغا تۈرك خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىنى ئۈلگە قىلىپ كۆسەتتى.

تۇراقلىق تاشقى پېرېۋوت سىستېمىسىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ۋاز كېچىپ، ئاستا – ئاستا تۇراقسىز تاشقى پېرېۋوت سىستېمىسىغا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان ھىممەتى، بۇ تۈزۈمنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن خەلقتىن دۆلەتكە ھەمنەپەس بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ھىممەتى، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلىتىمىز، خەلقنىڭ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ بارلىق بېسىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. خەلقىمىزمۇ دۆلىتىمىزگە ھەمنەپەس بولۇشى، ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان تاشقى پېرېۋوت (دوللار – ياۋرو) لىرىنى بانكىلارغا ياتقۇزۇشى لازىم. قاراڭلار، تۈركىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپ، تاشقى پېرېۋوت ئۆرلەپ كەتكەندە، تۈرك خەلقى دوللارلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر