گېرمانىيە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دىرېكتورى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز

گېرمانىيە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى فرانك بېللون، مۇھىت ئاسراش، تەبىئەتنى قوغداش ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىلىرىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1025026
گېرمانىيە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دىرېكتورى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېللون تۈركىيە بىلەن بولغان پۇل – مۇئامىلە ھەمكارلىقىنىڭ 1 مىليارد 900 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا ئالاقىدار لايىھەلەرگە بېرىۋاتقان ياردەمنىڭ 579 مىليون ياۋروغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

« Deutsche Welle» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېللون تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ باسقۇچتىن پەقەت مۇساپىرلارلا ئەمەس، يەرلىك خەلقمۇ بەھرىمەن بولىدۇ. بىز ئاممىۋى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئەمەس، ئەكسىچە، ئاممىۋى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى تەشۋىق قىلىشنى خالايمىز.»

تۈركىيە بىلەن يېڭى دەۋردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بېللون، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەدە يېڭى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە يېڭى كابېنت بار. خىزمەت ساھەلىرىدە بىز ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان ئورگانلارنىڭ ئېنىق بولۇشى، ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئەتنى قوغداش مەسىلىلىرىدە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىگە ئىشىنىمىز. چۈنكى بۇ ساھەلەر بىز تۈركىيەنى قوللايدىغان ۋە قوللاشنى خالايدىغان ساھەلەردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر