ئىران تۈركىيە بىلەن بولغان سودىدا تۈرك لىراسى ئىشلىتىدۇ

ئىران تۈركىيەدىن مىدېتسىنا بۇيۇملىرى ۋە دورا ئىمپورت قىلغاندا تۈرك لىراسى ئىشلىتىدۇ.

1018483
ئىران  تۈركىيە بىلەن بولغان سودىدا تۈرك لىراسى ئىشلىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تۈركىيەدىن دورا ئىمپورت قىلغاندا تۈرك لىراسى ئىشلىتىدىغان بولدى.

ئامېرىكىنىڭ بانكىچىلىق ساھەسىدە ئىرانغا يولغا قويغان ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك  سىرتتىن دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلغاندا دوللار ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىران پارلامېنت ئەزاسى ئىلياس ھەزرىتى، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرىنى يۇەن (خەلق پۇلى) ۋە تۈرك لىراسى بىلەن ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەزىرىتى مۇنداق دېدى: «مىدېتسىنا بۇيۇملىرى ۋە دورا ئىمپورت قىلىدىغانلارنىڭ ئىشىنى قولاي قىلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي پۇللىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق.»

ئىران پارلامېنت خەۋەر ئاگېنتلىقى « ICANA » نىڭ خەۋىرىدە، ھەزرىتىنىڭ دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ تۈرك لىراسى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلىگە دۇچ كەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەزىرىتى يەنە مۇنداق دېدى: «تۈرك شىركەتلىرى ئىران بىلەن رىيال ئارقىلىق سودا قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر