تۈركىيە ئافغانىستان خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئافغانىستاننىڭ پانجىشىر ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان 227 ئائىلىيىگە ياردەم قولىنى سۇندى.

1016603
تۈركىيە ئافغانىستان خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى مۇجاھىد سالىھ دۇران، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پانجىشىر ۋىلايىتىنىڭ پۇشگۇر يېزىسىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغا ئائىلىلەرگە يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ مېھىر – شەپقەتلىك قولى بولغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مەزلۇم جۇغراپىيەلەردىكىگە ئوخشاشلا ئافغانىستاندىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇران: «بۇ ئارقىلىق تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ياردەم قولى بارلىق مەزلۇملارغا سۇنۇلغا بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردەملىرىنى مۇھتاج رايونلارنىڭ ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان دۇران، دوست ھەم قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقىگە قىلچە ئايرىمچىلىق قىلماستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ئافغانىستان خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەبەدىي دوست ھەم قېرىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر