ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىرانلىق بەزى شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتتى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىرانلىق شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى باشلىدى.
![ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىرانلىق بەزى شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/178e/5adf/86a5/5b3c656d82938.jpg?time=1718917974)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇقىمسىز مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان ئىرانلىق 9 شەخس ۋە شىركەت ھېسابلىرىنىڭ توڭلىتىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقى جاكارلاندى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇقىمسىز مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئالاقىدار تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
تىزىملىكتە ئىسمى بولمىغان ئىرانلىق ھەر قانداق شەخس ياكى شىركەتلەرگە تەۋە مال– مۈلۈكلەرنىڭ توڭلىتىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان پائالىيەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس قىسىملىرىغا مىليونلارچە دوللار يوللىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماي ئېيىدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس قىسىملىرى بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ 6 شەخس ۋە 3 شىركەتكە قارشى ئېمبارگو قارارى ئالغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718917974)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.