ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى تۈنۈگۈن ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزۈلدى.

991673
ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇكىچ ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «ئېنېرگىيەنىڭ <يىپەك يولى>» دەپ ئاتىلىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئېنېرگىيەنى توقۇنۇشنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە، ھەمكارلىق ۋاسىتىسى دەپ بىلىمىز، بۇ قارىشىمىز ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئىشقا كىرشتۈرۈلۈشى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېۋىسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان يېڭى لايىھەلەرنىڭ خەۋەرچىسىدۇر.»

ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ باشلانغۇچ ئىقتىدارىنىڭ يىللىق 16 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇنىڭ 6 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمىنىڭ تۈركىيەگە، 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمىنىڭ بولسا ياۋروپاغا توشۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى تەلەپكە ئاساسەن ئالدى بىلەن 22 مىليارد كۇب مېتىرغا، ئارقىدىن قوشۇمچە سېلىنمىلار ئارقىلىق 31 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق ترانزىت بىر دۆلەت بولۇشتىن ھالقىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىدىن ئاخىرقى ئىستېمال قىلغۇچىغا قەدەر سوزۇلىدىغان زەنجىرسىمان قىممەتلەرنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى پەقەت ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھازار رايونىدىن تارتىپ ياۋروپاغىچە پۈتكۈل ئۆتۈش ئېغىزلىرىغا جايلاشقان دۆلەتلەرگە پاراۋانلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە چېگراسىنى تۇنجى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى 2019 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە ئەڭ ئۇزۇن تۇرۇبا لىنىيەسى ھېسابلىنىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1850 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تۇرۇبا لىنىيەسى ئارداھاندىن تارتىپ ئەدىرنەگىچە 20 ۋىلايەت ۋە 67 ناھىيەدىن ئۆتىدىكەن. تۇرۇبىلارنىڭ % 80 تى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 13 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇيدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى، تۈركىيەدىن سىرت يەنە، ياۋروپانىڭمۇ ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر